User talk:Uyghurjan

页面内容不支持其他语言。

关于此版块

既往讨论已于2019-04-19存档在User talk:Uyghurjan/存档 1

MediaWiki message delivery (留言贡献)

您好,由于缺乏维护和兼容问题,维基媒体基金会和社群有意弃用结构式讨论(又称Flow),现在使用结构式讨论的讨论页未来将转换成Wikitext(维基文本)。因为您的讨论页启用了结构式讨论,所以向您递送此消息。我们邀请您参与相关讨论,并建议您先行考虑关闭此功能。如有问题,亦可至互助客栈求助区留言。給您帶來的不便,我們深表歉意。

回复“结构式讨论弃用通告”
Uyghurjan (留言贡献)

تەۋبىمىز باراتىمىز بولسۇن

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، « (گۇناھ ئۆتكۈزۈۋېرىپ) ئۆز - ئۆزىگە ئوشۇغلۇق قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن جىمى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى ھەم ناھايىتى مېھرىباندۇر» دەيدۇ. (سۈرە زۈمەر 53 – ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار!

بۇ بارات كېچىسى، تۈرمۈش ھەلەكچىلىكىدە ھەر خىل ئۈمىد ۋە مەقسەتلەر ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتقان، كۆپىنچە مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ غايىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان پەيتلەردە، بىزگە بىزنى ئەسلىتىدىغان قۇتلۇق كېچە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتمۈشىمىز بىلەن ھېسابلىشىپ، بۈگۈنىمىزگە قاراپ چىقىشقا، ئەتىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى بولسا، ئاللاھنىڭ رىزىسىغا يۈزلەنگەن شەكىلدە قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارات كېچىسى، ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر تەۋبە، كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەن بىر پارلاق ئۈمىت بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز ھەر يىلى كۈتۈۋالدىغان بۇ بارات كېچىسى، بىرىنچىدىن بىزلەرگە ھەرتۈرلۈك يامانلىق، زۇلۇم، ناھەقچىلىت ۋە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردىن بىرسى بولۇپ قاماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەپۇ - رەھمىتىگە سىغىنىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىگە ئوخشاش، ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئەپۇچان ھەم كۆيۈمچان بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدۇ. بارات كىچىسى، سۇندۇرغان قەلبلەرگە تەسەللىي، غۇرۇرىغا تەككەن كىشىلەر بىلەن ئەپلىشىش، قېيىداش تاملىرىنى چېقىپ تاشلاش، ئۆچ – ئاداۋەت، نەپرەت ۋە ئىنتىقام تۇيغۇلىرىمىزنى باستۇرۇپ قىلىش كېچىسىدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئەپۇ - رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىشىمىز كېرەكلىكنى ئەكسەرتىدىغان بىر كېچىدۇر.

ئۈچىنچىدىن بۇ كېچە، ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز، ئادەتلىرىمىز، ھاۋاىي – ھەۋەسلىرىمىز، شەخسىيەتچىلىكىمىز، مەنمەنلىكىمىز ۋە نەپسىمىزنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي باراتىمىزغا (يەنى، ھەقىقىي ئەركىنلىكىمىزگە) قانداق ئىگە بولىشىمىزنى ئۆگىتىدىغان كېچە ھېسابلىنىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بەرات كچىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەپۇ – مەغپىرەت كېچىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ھەدىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كېچىدە دۇنياغا رەھمىتى بىلەن تەجەللى قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەغپىرەت تىلەيدىغانلار يوقمۇ؟ ئۇلارنى ئەپۇ قىلاي! رىزىق تەلەپ قىلىدىغانلا يوقمۇ؟ ئۇلارغا رىزىق بېرەي! بالايى – قازاغا دۇچار بولغانلار يوقمۇ؟ ئۇلارنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلاي!» دەيدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگەن ئىدى. (ئىبنى ماجە، نامازغا تۇرۇش بابى 191 -ھەدىس)

بۇ مەغپىرەت پەسلىدە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش، چىن قەلبىمىزدىن تىلەش، قايتا گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىك نىيىتى بىلەن چىن تەۋبە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ھەممىمىز بىرىلكتە بۇ بارات كېچىسىدە قايتىدىن يېڭىلىنىش نىيىتى بىلەن تەۋبە قىلايلى! پات – پات ھەۋەس، تاما ۋە شەخسىيەتچىلىككە بېرىلىپ، دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئەلا بىلىپ قالغان چاغلىرىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلايلى! ئەڭ يېقىنلىرىمىزدىنمۇ سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ئاياپ قالغانلىقىمىز، ئايالىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكىمىز، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنى، يېتىم – يىسىرلارنى ۋە ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنى ئونتۇغانلىقىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلايلى! رەببىمىز بىزگە ئامانەت قىلغان دۇنيالىق ئايىمىزنى بۇزغانلىقىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلايلى! ئۆزىمىز ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۇرۇش – جېدەللەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، ئازاب - ئوقۇبەتلەر ئىچىدە قالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ خاتىرجەملىككە، باياشاتلىققا ۋە تىنچلىققا سازاۋەر بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى رەھمىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرماسلىقىنى تېلەيلى!

ئەزىز قېرىنداشلار!

تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزغا سىغىنىدىغان بو كېچىمىزدە، تەۋبىلىرىمىز باراتىمىز بولسۇن. ئاللاھقا قوللىرىمىزنى ئېچىپ، بولۇشىغا ياۋۇرۇشىمىز كېرەكلىك بولغان بۇ كېچىدىن كېيىن، ھەممىز گۇناھ يۈكلىرىدىن يېنىكلەپ، جىنايەتلەردىن پاكلىنىپ، خەيرىلىك ئىشلارغا ئاچقۇچ، يامانلىقلارغا قۇلۇپ بولۇشقا بەل باغلايلى! بىزنى ئاللاھ يۈرىكىمىزنى ئىمانغا ۋە ئۆمرىمىزنى سالىھ ئەمەللەرگە ئاتىغان مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رامىزانغا ئېرىشىشكە نېسىپ قىلسۇن. باراتىمىز مۇبارەك بولسۇن!

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى گۈزەل دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

«ئى ئاللاھ! غەزىپىڭدىن رازىلىقىڭغا، جازايىڭدىن ئەپۇ - مەغپىرىتىڭگە سىغىنىمەن. ساڭا ساناپ تۈگەتكۈسىز مەدھىيەلەر ئوقۇيمەن، سەن ئۆزۈڭنى قانداق مەدھىيەلىگەن بولساڭ شۇنداقسەن. ئى پەرۋەردىگارىمىز، سېنى ھەققىڭگە يارىشا مەدھىيەلەيدىغان، ساڭا ھەمدۇ - سانا ئوقۇيدىغان ۋە شۈكرى قىلىدىغان بەندىلىرىڭدىن قىلغىن!» ئامىن!! (مۇسلىم، نامار بابى 222 – ھەدىس)

回复“بارات كىچىسى”
没有更早的话题